باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقاتتى

2018.04.23 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 22- ئاپرېل فۇجۇدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقاتقان. بۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئۇلىنىپ، بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېڭى چىققان ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ توردا ئىشلىتىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق دوكۇمېنتى بولۇپ، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ماس كەلگەن ھەمدە مەملىكەت بويىچە ھەممىباب بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، سالاھىيەت ئىسپاتى چىقىرىش، ئۇچۇر خاتىرىسى، ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوتى قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىناتىنى ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىم قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

  2018-يىلى 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بار كىشىلەرنىڭ سانى 1 مىليارد 120 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %80.6كە يېتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دەم ئېلىشقا چىقىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى جەي يەنلى: «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى ۋە توردىكى شەكلى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ھەمدە ئەنئەنىۋى شەكىلدە ۋە توردا «بىر كارتا بىلەنلا يۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىلىدۇ، دېدى.

  ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىللە ھەم ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى. جەي يەنلى تونۇشتۇرۇپ: ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئاساس قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالاقە تورى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئالاقە تورىدا «ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي نام، ئەمەلىي كارتا» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، فۇجۇ، چىڭداۋ قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەردە ئالدى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ تۈرلىرىدە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى قوللىنىش تەرتىپى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە توردىكى كەسپىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر