باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى

2018.04.19 16:38   مەنبە: خەلق تورى

تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش ئۈستىدە بېلەت تاشلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى 18-ئاپرىل بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

  بۇ، تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنىڭ 7-قېتىم ئۇزارتىلىشى. 2016-يىلى 7- ئايدا يۈز بەرگەن ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھازىرغىچە كۆپ قېتىم مۇددەتنى ئۇزارتتى.

  تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بوزدا: جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇش بولسا تېررورلۇققا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ ئېھتىياجى، تىنچلىقپەرۋەر پۇقرالارغا قارىتىلغان ئەمەس، دېدى.

  18-ئاپرىل ئەتىگەندە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 6-ئاينىڭ 24-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن 2019-يىلى 11- ئايدا ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈلدى.

  ئەردوغان: تۈركىيە نۆۋەتتە چېگرا ھالقىپ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئېنىقسىزلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، بۇ ئامىللار سەۋەبلىك تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش زۆرۈر، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ