باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە، رۇسىيە خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى قىلغانلىقنى ئىنكار قىلدى، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دۇما بازىرىغا كىردى

2018.04.19 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامممىسى: سۇرىيە ۋە رۇسىيە تەرەپ 17-ئاپرىل خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاتالمىش خىمىيەلىك قۇرال ھۇجۇمى يۈز بەرگەن دۇما بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنىدىن ئىلگىرىراق، فىرانسىيە تەرەپ رۇسىيە، سۇرىيە تەرەپنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەن تەۋەلىككە كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئېمانۇئىل ماكېرون فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ سۇرىيەگە قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ چوڭ پايدىسى يوق ئىكەنلىكى، پەقەتلا «شان-شەرەپنى قوغداش» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  سۇرىيە دۆلەتلىك ئاگېنتلىقى 17-ئاپرىل خەۋەر قىلىپ، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقكە يېقىن جايدىكى شەرقىي غۇتا رايونى دۇما بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى ۋە رۇسىيەنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى بىلەن خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ دۇماغا كىرىپ تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە ۋە سۇرىيە تەرەپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دۇماغا كىرەلمەسلىكى بىخەتەرلىك ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولۇپ، رۇسىيە ۋە سۇرىيە تەرەپ قەستەن توسقۇنلۇق قىلمىدى. رۇسىيە بىئو-خىمىيە ۋە يادرودىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىنىڭ باش مەسئۇلى ئىگور گىرىلوف 17-ئاپرىلدىن بۇرۇنراق، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشىتابى گوللاندىيەنىڭ ھاگۇئېدا ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يولدىكى مىنالارنى تازىلاش زۆرۈر بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 18-ئاپرىل دۇما بازىرىغا كىرىشكە بولۇشى مۇمكىن.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگى لاۋروف «رۇسىيە پاكىتلارنى يوقىتىۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنى قاتتىق ئىنكار قىلدى. ئۇ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن شۇنىڭغا كاپالەت بېرىمەنكى، رۇسىيە نەق مەيدانغا ھېچقانداق قول تەگكۈزمىدى.»

  گېرمانىيە زۇڭلىسى ئانگېلا مېركىل شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمېر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، كېرىمېل سارىيى ۋە مېركىلنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ سىياسىي يول بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. مېركىلنىڭ باياناتچىسى باياناتىدا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قان تۆكۈلۈش توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە، سىياسى يولنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 17-ئاپرىل ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەردوغان رۇھانى بىلەن تۈركىيە، ئىران، رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلۇپ، سۇرىيە مەسىلىسىگە قارىتا ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى ئېيتىلغان. ئەردوغان سۇرىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

  تۈركىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەگە ئوخشاش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى ھەم ئوخشاشلا سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئەسەدكە قارشى مەيداندا. بىراق، نۆۋەتتە رۇسىيە ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە سىياسىي سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر