باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2018.04.18 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى ئىشەنچلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى قۇرۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ئاساسىي رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلگىرىلەش يولى ئۇدا ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئىستىقبال قانچە پارلاق بولغانسېرى، كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، بەزى زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش ۋە ئۇلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىشتا ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر