باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئوبزور

گۈزەل جۇڭگۇنىڭ خەينەن سەھىپىسىنى پۈتەيلى

ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2018.04.13 16:13   مەنبە: خەلق تورى

گۈزەل جۇڭگۇنىڭ خەينەن سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  كۆك ئاسماننىڭ شولىسى دېڭىزدا ئەكس ئەتمەكتە، باھاردىكى دېڭىز دولقۇنى قىرغاققا ئۇرۇلماقتا.

  پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇيغانغان پەسىلدە، خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. بەش يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خەينەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھالقىغا تەرەققىياتىنىڭ داغدۇغىلىق مۇساپىسى باشلانغانىدى.

  پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراققا نەزەر تاشلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى خەينەننىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەينەننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئېنىق يولىنى سىزىپ بەردى، خەينەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەققىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى ياراتتى، گۈزەل جۇڭگونىڭ خەينەن سەھىپىسىنى پۈتتى.

  ھالقىما تەرەققىياتتىكى ئاجايىپ مۇساپە

  ــــ شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراققا نەزەر تاشلاپ، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەينەننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  قۇياش نۇرى جۇلالىنىپ تۇرغان، پالما دەرىخى سايە تاشلىغان دېڭىز بويىدىكى بازار بوئاۋ يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  4ـ ئاينىڭ 8ـ كۈنىدىن 11ـ كۈنىگىچە، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018ـ يىللىق مۇنبىرى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيانىڭ جاي ـ جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىي ساھەدىكى باشلىقلار ۋە سودا ساھەسىدىكى سەرخىللار بۇ يەرگە جەم بولۇپ،«ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا بەرپا قىلىش» دېگەن تېمىدا ئورتاقلاشتى، شۇنداقلا جۇڭگودا ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى خەينەندىكى يۈز بەرگەن دۇنياۋى مۆجىزىلەرگە شاھىد بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. بۇ ئۇنىڭ 2010- يىلىدىن بۇيان خەينەنگە 4-قېتىم كېلىشى بولۇپ، 9 مىليوندىن ئارتۇق خەينەن خەلقىنىڭ ئۆلكە قۇرۇلغانلىقى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشىگە بېرىلگەن زور مەدەت بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ