- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىدىكى بىر باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئورنىدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ يەتتە مەھبۇس ئۆلدى
2018.04.17 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئىدارىسى 16- ئاپرېل مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئىشتاتنىڭ بىشوپۋىل شەھىرىگە جايلاشقان بىر باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئورنىدا 15- ئاپرېل كەچ سائەت 7دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، تاكى 16- ئاپرېل تاڭ سەھەر سائەت ئىككىدىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاندىن ۋەزىيەت كونترول قىلىندى. باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئورنىدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبىنى تېخى چۈشەندۈرمىدى، لېكىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئورنىغا تەخمىنەن 1500 مەھبۇس قامالغان بولۇپ، ئۇ قامالغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە مەزكۇر ئىشتاتتىكى ئەڭ ۋەھشىي ۋە جازا مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرمۇ بار ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر