باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان تارماقلىرىغا 2-تۈركۈمدە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەن جېڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2018.04.17 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق گۇۋۇيۈەننىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان تارماقلىرى 2-تۈركۈمدە ۋىۋىسكا ئېسىلىدىغان ئورۇن سۈپىتىدە 16-ئاپرېل ئايرىم-ئايرىم ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، سىرتقا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى رەسمىي ئادا قىلىشقا باشلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قوماندانلىق مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق سىستېما، فۇنكسىيەسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پائال ۋە پۇختا، كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى كەمكۈتسىز تۇتاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، ئاپەت، ھادىسە يۈز بەرگەندە، دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرى ۋە بايلىقىنى جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سەرپ قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنىڭ راۋان بولىشى، بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئىرادىسى كۈچلۈك، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر