باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىزام ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەپ تۈزۈش ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئېلان قىلىندى

2018.04.16 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىزام ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەپ تۈزۈش ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئورتاق ئۇستاپ دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2018 – يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئورتاق ئۇستاپتا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «بەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشتەك يېڭى ئەندىزىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ئۇستاپنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دەۋرىيلىكى، ئىلمىيلىكى، توغرىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ قۇرۇشنىڭ ئاساسىي نىزامى ۋە بارلىق ھەربىيلەر ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىدۇر. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئورتاق ئۇستاپنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئەسلىدىكى 21 باب، 420 ماددىدىن 15 باب، 325 ماددىغا تەڭشىلىپ، ئىچكى ئىشلار قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى تەلەپلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئارمىيەدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاتىلىشى ۋە ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تەڭشەپ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كۈندىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇن تەلىپى تولۇقلاندى؛ قاتتىق باشقۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، كۆچمە تېلېفون، ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ھەربىيلەرنىڭ قىياپىتى، ئىستىلى، ئىنتىزامى، ھەربىي بايراقنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ھەربىيلەرنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش، يېڭى تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرىكەت ئۆلچەملىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى، خادىملارنىڭ سىرتقا چىقىش نىسبىتى ۋە گازارمىدا قونۇشى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تەڭشىلىپ، مەشىقتە يارىلىنىشتىن ساقلىنىش، ھەربىيلەر دەم ئېلىپ داۋالىنىش، پىسخىك مەسلىھەت سوراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر