باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.04.17 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەيسال مەھدات 16-ئاپرىل مۇنداق بىلدۈردى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ «خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى» توغرىسىدا تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى خالايدۇ ۋە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە زۆرۈر بارلىق قولايلىق شارائىتنى يارىتىپ بېرىدۇ.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنى مەھداتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈچ كۈن بۇرۇن دەمەشقكە يېتىپ كەلگەن ۋە سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا، توغرا بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا پىكىرلەشكەن.

  مەھدات مۇنداق دېدى: «بىز تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشنى خالايمىز ۋە زۆرۈر بولغان قولايلىقلىقلار بىلەن تەمىنلەيمىز». ئۇ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەكشۈرۈشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بەرمىدى.

  7-ئاپرىل، سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقى چېتىدىكى غۇتا رايونىدا «خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىش» ۋەقەسى يۈز بەرگەن. سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاپرىل سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھالدا خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا تەكلىپ سۇنۇپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي غۇتا رايونىدىكى دۇماغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر