باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ئارمىيەسى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 31نى ئېتىپ ئۆلتۈردى

2018.04.17 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- چېسلا، ئافغانىستاننىڭ بىر يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۆتكەن 48 سائەت ئىچىدە، ئافغانىستان ھەربىي تەرەپ يېڭى بىر مەيدان ھەرىكەت قوللىنىپ، ئافغانىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى جەۋزجان ئۆلكىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش ئۈچۈن قوللانغان شۇ ھەرىكىتىدە، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 31نى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

  جەۋزجان ئۆلكىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد رەزا رەزايى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ھەربىي تەرەپ شۇ ھەرىكەت جەريانىدا ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئالاھىدە قىسىمنى ئىشقا سالغان. «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇ 31 قوراللىق ئۇنسۇرىنىڭ ئىچىدە يەرلىك قومانداندىن ئۈچى ۋە چەتئەللىك قوراللىق ئۇنسۇردىن ئۈچى بار. يەنە «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن ئاز دېگەندە 16سى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلدى.

  بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئافغانىستان ھەربىي تەرەپ شۇ جايدا «شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بەش كەنتنى قايتۇرىۋالدى، ھازىر تازىلاش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر