باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تال زۇكام دورىسىمۇ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلالايدۇ

«دورا ئىچىپ» ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەتىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن قېلىشمايدۇ

2018.04.17 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، «ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ماشىنا ھەيدىمەسلىك» قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بىراق، بىلەمسىز؟ مەلۇم دورىلارنى يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ، بولمىسا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە ئوخشاش خەتەرلىك.

  يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يۇڭجيا 223-ئۆلكە يولى يۇڭجيا-خۇاڭتيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئېغىزىدا، بىر ئاۋدى دالا ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى زۇكام دورىسى ئىچكەندىن كېيىن يولغا چىققان، خىرە ئۇيقۇلۇقتا يول بويىدا توختىتىلغان بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. بەختكە يارىشا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆزگە كۆپ چېلىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى. ھەتتا «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىمۇ «دورا ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»كە قارىتا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە ۋە جازا ماددىلىرى كەمچىل بولۇپ كەلدى.

  ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 1-تارماق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خې جۇڭجيې پىروفېسسور چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «‹دورا ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، شوپۇرنىڭ بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن يەنىلا ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ»، بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۇيقۇسى كېلىش، مۈگدەش، دىققىتى چېچىلىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار بولۇپ، بەك ئاسان ئاپەت كېلىپ چىقىدۇ.

  بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە خىل دورا

  ھىستامىنغا قارشى دورىلار: خىلورفېنىرامىن، سىپروخېپتادىن، دىفېنگىدرامىن قاتارلىقلار بولۇپ، مەركىزىي نېرۋىنى روشەن چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئادەتتە ئۇيقۇسىراش، باش قېيىش قاتارلىق ئەكس تەسىرى كۆرۈلىدۇ.

  خامۇشلۇققا، تەشۋىشلىنىشكە قارشى تۈردىكى دورىلار: ئىمپىرامىن، دوكسېپىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇيقۇسى كېلىش، ماغدىرسىزلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار: دىئازېپام، نىترازېپام، فېنو باربىتال قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەمنى تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش ھەمدە چۆچۈشكە قارشى ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ.

  قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار: ئاسپىرىن، فېناتسىتىن، ئامىنوپرىن قاتارلىقلار بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، كۆپ مىقداردا تەر چىقىدۇ ھەتتا زەئىپلىشىپ كېتىدۇ.

  يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلار: رېسېرپىن، كلونىدىن، پارگلىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئىچكەندىن كېيىن بەزىدە باش ئاغرىش، باش قېيىش ، ئۇيقۇخۇمار بولۇش قاتارلىقلارلار كۆرۈلىدۇ.

  يۈرەك سانجىقىغا قارشى تۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار: پروپرانولول، نىفېدىپىن قاتارلىقلار بولۇپ، قان تومۇرلارغا تارقايدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىش پەيدا بولۇپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش تەس بولىدۇ.

  قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى تۈردىكى دورىلار: گلىبېنسلامىن، گلىسلازىد قاتارلىقلار بولۇپ، چارچاش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يۇقىرىدىكى بۇ بىر قانچە خىل دورىدىن باشقا، يەنە تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان ئىچىلىدىغان بىر قىسىم سۇيۇق دورىلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن مۇرەككەپ چۈچۈكبۇيا بىرىكمىسى، پىننە سۈيى، زۇكام يۆتەل توختىتىش قىيامى قاتارلىقلار. بۇ دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئېتىل ئالكوگول بار بولغانلىقتىن، ئىچىپ ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن ماشىنا ھەيدەشكە بولىدۇ، بولمىسا ئاسانلا خاتا ھالدا «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» بولۇپ قالىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، «دورا ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»كە چېتىلىدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن، ئامال بار ئالتە-يەتتە سائەت ئىچىدە ماشىنا ھەيدىمەسلىك لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر