- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقىدىن %24.1 ئاشتى
2018.04.17 17:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرېل سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمىزچە، 1-پەسىلدە، ئېلىمىز چېگراسى ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دۇنيادىكى 140 دۆلەت ۋە رايوننىڭ چېگرا سىرتىدىكى 2023 كارخانىسىنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرىگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان، ئەمەلىي سېلىنمىسى 25 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %24.1 ئېشىپ، ئۇدا بەش ئاي ئاشقان. چەت ئەلدە ھۆددىگە ئېلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ تىجارەت سوممىسى 34 مىليارد 660 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18.5 ئاشقان؛ يېڭىدىن ئىمزالانغان توختام سوممىسى 44 مىليارد 590 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %3.8 ئاشقان. تاشقى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقىغا تۈرلۈك ئەمگەك-مۇلازىمەت خادىمىدىن 97 مىڭ كىشىنى ئەۋەتكەن، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چەت ئەلدىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت خادىملىرى 971 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 58 مىڭ كىشى ئاشقان.
1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سېلىنما ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 52 دۆلەتكە سالغان سېلىنمىسى ئېشىپ، 3 تىرىليون 610 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %22.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %14.2نى ئىگىلەپ، 1-، 2-ئايدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن 1.4 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر