باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

يىلدا ئىككى نۆۋەت دائىملىق كۆزىتىلىدۇ

2018.04.17 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «ج ك پ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانى(2018-يىلدىن 2022-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق سىستېما ئىچىدىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان ۋەزىپىسى ۋە ئۇسۇل تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەپتىش سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق كۆزىتىش خىزمىتىدىكى «لىنىيە خەرىتىسى» ۋە «ۋەزىپىنامىسى»نى بېكىتتى، بۇنىڭدا سىستېما ئىچىدىكى كۆزىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كۆزىتىشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردىمۇ-يوق ۋە كۈچەيتتىمۇ-يوق، قانۇن يۈرگۈزۈشتە قاتتىق بولماسلىق، قېلىپلاشماسلىق، ئادىل بولماسلىق، مەدەنىيەتلىك بولماسلىق مەسىلىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۈچەپ بايقىدىمۇ-يوق، «ئۈچ بەلگىلىمە»، «ھاراق چەكلەش بۇيرۇقى»، «سەككىز سائەتتىن سىرتقى ھەرىكىتىگە چەك قويۇش بۇيرۇقى» قاتارلىق ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى كۈچەيتتىمۇ-يوق، قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىشكە ئارىلىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلو بېجىرىش، دېلو مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، شۇنداقلا پارا يەپ قانۇننى بۇزۇش، پۇل ئېلىپ جىنايەتچىنى قويۇۋېتىش، قارا كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقىدىمۇ-يوق ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈردىمۇ-يوق قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىرىنسىپ بويىچە يىلدا ئىككى نۆۋەت دائىملىق كۆزىتىش، ئالدى بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم كىشى، مۇھىم ئىش، مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا، «ھەرىكەتچان» كۆزىتىشنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىپ تۈزىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىپ بايقالغان، تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرمۇ بىر ئەمەلىيلىشىشى، ھەر بىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر