باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى چيەنمېن كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.04.12 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاپرىل، شادىيانە ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى چيەنمېن كوچىسىدىكى خۇايۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە باشلاندى.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى 1000 يىللىق مەشھۇر قەدىمىي شەھەر ھېسابلىنىدۇ. تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىكلار ساددا ھەم پاك بولۇپ، كىيىم-كېچەك، يىمەك- ئىچمەك، ناخشا- ئۇسسۇل، توي-تۆكۈن ئادەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەتنى ساقلاپ قالغان. 2006-يىلىدىن باشلاپ، تاجىكلارنىڭ بۈركۈت ئۇسسۇلى، ئىچىملىك سۇ ۋە تېرىلغۇ بايرىمى، ئات توپى، تويلىشىش ئادىتى، تاجىك مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، تاجىك مىللىتىنىڭ خەلق ناخشىسى قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت تۈرى ئارقا-ئارقىدىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تاجىكلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، تاجىك كەشتىچىلىكى، ئەنئەنىۋى چالغۇلار، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھۈنەر-سەنئەتلىرى نۇقتىلىق كۆرگەزمە مەزمۇنى قىلىندى.

  يوڭشىن خۇايۈن كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جاڭ كۇنلەن تونۇشتۇرۇپ: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا ھۆكۈمەت يېتەكلەش ئاساس بولۇپلا قالماستىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى تېخىمۇ مۇھىم»، شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى 2000دىن ئارتۇق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇستازلىرى، سەنئەت ئۇستازلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ھازىرقى زامان سەنئەت لايىھىلەش ئامىللىرىنى كىرگۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 5- ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر