باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ھەققىدە مۇنداق دېدى:

چىشىمىزنى چىشلەپ داۋاندىن ئېشىپ، قىيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈشىمىز لازىم

2019.03.07 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەدبىردۇر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىچىدىكى يېشىل تەرەققىيات بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى نامايان قىلىدۇ.

  2. ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىچكى موڭغۇلنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش، شۇنىڭدەك ئىچكى موڭغۇل ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان زور مەسئۇلىيەتتۇر. ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ رايوننى تېخىمۇ يارقىن قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  3. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئورگانىك بىرلىك بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىرئاز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىلا تۈر كىرگۈزۈش، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش خىيالىنى قىلىشقا، ھەتتا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى ئويلاشقا بولمايدۇ.

  4. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانىدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان مۇھىم بىر ئۆتكەل. بىز چوقۇم چىشىمىزنى چىشلەپ بۇ داۋاندىن ئېشىپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىز لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى چىڭ ساقلاش، تەۋرەنمەسلىك، بوشاشتۇرماسلىق، يوچۇق ئاچماسلىق لازىم.

  5. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ ئىزدىنىپ چىقىش كېرەك.

  6. ئوتلاقنى، ئورماننى قوغداش − ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئېكولوگىيەلىك سستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مېخانىزم ۋە قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قاراتمىلىقى، سىستېمىلىقى، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلۈك بولۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

  7. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش − مۇھىت ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى ۋە ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلارنى قەتئىي تۈزەپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازار، تەرەققىيات رايونى، سانائەت رايونلىرىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزىلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىچكى موڭغۇلدىكى خۇلۇن كۆلى، ئۇرۇنسۇقاي كۆلى، دەيخەي كۆلىنى ئېكولوگىيەلىك ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي چارە تېپىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  8. ئىچكى موڭغۇل تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخ تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى لازىم.

  9. ئىستېمال قىلىش نامرات قىلىۋەتمەيدۇ، پىلان جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك نامراتلىقتا قالدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇپ چىقىمنى تېجەش − پۇقرالارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ مەقسىتى ۋە خاراكتېرى بەلگىلىگەن.

  10. مەيلى دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى سەۋىيەگە يەتسۇن، مەيلى خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ قايسى دەرىجىگە يەتسۇن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان- ئىقتىسادچىل بولۇش ئىدىيەسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچان- تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كېلىشىمىز، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىر قېتىم شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر