باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ۋە شۇ ناملىق كىتابنىڭ تۇنجى تارقىتىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.05.07 13:37   مەنبە: خەلق تورى

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ۋە شۇ ناملىق كىتابنىڭ تۇنجى تارقىتىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ۋە شۇ ناملىق كىتابنىڭ تۇنجى تارقىتىلىش مۇراسىمى 6- ماي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى مېھمانلار دېگەندەك زاتلاردىن بولۇپ، جەمئىي 1200 ئادەم بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمغا قۇربانجان سەمەت باش رېژىسسور ۋە باش فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. بۇ فىلىم بولسا، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنچى سېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، شىنجاڭنى ئارزۇ قىلغان ۋە قىزغىن سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەبىتى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن، شىنجاڭدا كۈرەش قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىك ئىش-پائالىيەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ ئىككىنچى سېرىيەدىمۇ بىرىنچى سېرىيەنىڭ ئۇسلۇبى داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەردە كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتى مەزمۇن قىلىنغان، ھەمدە ۋەقەلىكلەر ئىلھام ئېلىش، بوز يەر ئېچىش، ئۇچرىشىش، ئىزدىنىش، رىقابەتلىشىش، پۇرسەت ئىزدەش، ئۆيگە قايتىش ۋە تاغ-دەريالار قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ماكاندىكىلەرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلغان بىر يۈرۈش ھېكايىلەر سېرىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تەييارلىنىشى جەريانىدا، يەنى بىر يىل ئىزدىنىش، زىيارەت قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق جەريانلاردا، شۇ فىلىمدىكى ھەرقايسى باش قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرى ئەينەن خاتىرىلەنگەن شۇ ناملىق رەسىملىك كىتابمۇ بىللە تاماملاندى.

  ئېكراندا، بەي يەنسۇڭ، چېن جيەنبىن، سۈي يۇڭيۈەن، لې جيا، چېن شياۋچىڭ، خۋاڭ گولۈن، كۇ نەيشىن، تۇڭ لىيا ۋە لۇ يۈ قاتارلىق چولپانلار يىراق مۇساپىلىك كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق قويۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. نەق مەيداندىكى مېھمانلار بۇ ھۆججەتلىك فىلىمغا يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە بۇ قېتىمقى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى تەشكىللىگەن ھەرقايسى چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 100 نەپەرگە يېقىن پىدائىيسىغا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر