باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگودا تىجارەت قىلىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك

2018.05.07 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياتچىسى گېڭ شۇاڭ 6-ماي مۇنداق دېدى: جۇڭگودا تىجارەت قىلىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

  مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئۆز تور پونكىتى ۋە تەشۋىقات ماتېرىيالىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنى «دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزمەسلىك تەلىپىنى سەۋەبسىز ئەيىبلىگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگونىڭ بارلىقى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چەت ئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگودا تىجارەت قىلىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر