- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسى ھەق تەلەپ -سودا-ئىقتىسادىي قانۇن شۆيۈەنى 2015-يىللىق 2-سىنىپتىكى ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش غايە ئىنتىلىشىنى بىر ئۆمۈر ئەمەلدە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈردى
2018.05.04 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «4- ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خىزمەتچىلەرگە ھاۋالە قىلىپ، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسى ھەق تەلەپ-سودا-ئىقتىسادىي قانۇن شۆيۈەنى 2015-يىللىق 2-سىنىپىدىكى ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى، ساۋاقداشلارنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش غايە ئىنتىلىشىنى بىر ئۆمۈر ئەمەلدە كۆرسىتىش» ئىرادىسىنى تىكلىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشكە ۋە كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
شى جىنپىڭ 2017ـ يىلى 3- ماي جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، 2015-يىللىق 2-سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»تېما قىلىنغان ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلغانىدى.
يېقىندا، 2015-يىللىق 2-سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىدىكى ساۋاقداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازدى. خەتتە مۇنداق دېيىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، ساۋاقداشلار باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. كۆپچىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلاشتى، بەزى ساۋاقداشلار پارتىيەگە رەسمىي كىردى، بەزى ساۋاقداشلار كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن بولدى. بىز قوزغىغان«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ياشلار چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە تىكلەش»نى تەشەببۇس قىلىش پائالىيىتىمىزگە سىياسىي-قانۇن داشۆسىدىكى نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى ئاۋاز قوشتى. كۆپچىلىك يەنە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، مائارىپنى قوللاش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، لياڭجياخې، لەنكاۋ ناھىيەسىگە ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە باردى. چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ساۋاقداشلارنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسى يەنىمۇ چىڭىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر