خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ماي، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسى توتو بازىرى گۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى چارۋىچىسى ئوسمان ئابدىلىم ئون نەچچە ئادەمنىڭ تىۋىت ئۆچكىسى تىۋىتىنى تاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇش بولدى.
ئوسمان ئابدىلىم مۇنداق دېدى: ھازىر دەل تىۋىت قىرقىش مەزگىلى، بۇ يىل 120 كىلوگرام تىۋىت ئالالايمەن، بۇنى ئاز بولغاندىمۇ 40 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ.
ئوسمان ئابدىلىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ تىۋىت ئۆچكىسى باقمىچىلىقى قىلىۋاتقىنىمغا 22-يىل بولدى، بۇ يىللاردىن بېرى قويىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قويىدىن كىرىدىغان كىرىممۇ يىلدىن-يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ.
ئوسمان ئابدىلىمنىڭ ئۆيىدە 350 تۇياق ساغلىق بار بولۇپ، بۇ يىل 150 تۇياق قوزا ئالدى. 9-ئايغا بارغاندا پاقلانلار چوڭايغاندا، پاقلانلارنى سېتىپ يەنە 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى