باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماقتىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2018.05.02 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2018-يىلى 4-ئايدىن 2019-يىلى 12-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىدا «قاماقتىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، قاماقتىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي نازارەت قىلىپ تۈزىتىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ ئازلىتىپ، قاماقتىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرمە، سولاقخانىلارغا قامالغانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-ئۆزگەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قاماقتىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىكەن.

  مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ «يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت قانات يايدۇرۇلىدىكەن: بىرىنچى، تۈرمىدىكى جىنايەتچى قاتارلىق قاماقتىكىلەرنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە مۇكاپاتلىنىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك ھەققى ئېلىش ھوقۇقى، كۆرۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-ئۆزگەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن. جىنايەتچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىشنى كۆزلەپ، تۈرمە، سولاقخانىلارنىڭ قاماقتىكىلەرنى قانۇن بويىچە ئەمگەككە تەشكىللىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمگەك ھەققىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن. ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىشنى كۆزلەپ، قاماقتىكىلەرنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ قوغداپ، زور دېلولارنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئارتۇق قاماپ تۇرۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە تۈزىتىدىكەن. ئىككىنچى، «تۈرمە زومىگىرى» ۋە تەن جازاسى بېرىپ خورلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ زەربە بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىشىنى تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە نازارەت قىلىش ھادىسىسىنى تەپتىش قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قاماقتىكىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدايدىكەن. ئۈچىنچى، قاماپ تۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دېلو تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان تۇتۇپ تۇرۇشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر