باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى

2018.04.20 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى «ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا ئادەم ئاز بولۇش، قېرىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى «يېزىلارغا چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان، يۆتكىلەلەيدىغان» قىلىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلىدى ۋە ئىلھام بەردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا-بازار كەسپىي ئورۇنلىرى بىۋاسىتە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كىنىشكىسى بار ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار مەمۇر قوبۇل قىلىشتا، ئالاھىدە خىزمەت ئورنى ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورنىدىن باشقا، بارلىق قوبۇل قىلىشتا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بولغانلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

  2005-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى 70 پىرسەنت ئۆپچۆرىسىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قاتارلىق ھەر خىل ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان. يېڭى سىياسەتتە ئاساسىي قاتلام تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئىلكىدىكى ياكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا خىزمەت قىلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنلارغا ئوقۇش پۇلى تۆلىمى بېرىش ۋە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلىۋېتىش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر