خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئاپرىل، ھاۋا ئوچۇق ۋە ئىللىق، ئەتراپ يېشىللىققا ئورىنىپ، گۈللەر ئېچىلغان، شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭ ئىلى يىپەك يولى گۈللۈكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچى ئالاھىدە قاينام-تاشقىنلىققا تولغانىدى. بۇ يەردە نورۇز گۈللىرى بۈككىدە ئېچىلغان بولۇپ، كىشىلەرگە چۈشلەردىكى گۈزەل باغلارنى ئەسلىتەتتى. ھەرخىل رەڭدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراق ھىد تارقىتىپ، ساياھەتچىلەرنى مەست قىلاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى