باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.04.19 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ۋەزىپە ئىچىدىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى سەۋەپلىك ئېرىشكەن نەق پۇل مۇكاپاتىغا شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەم ئىلغار قورال-جابدۇقنى ئاساس قىلىش، ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپا ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىدىغان، باراۋەرلەشكەن، ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ھاياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭگەن ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ھۈنەرۋەن روھى، سۈپەت ئېڭىنى تەربىيىگە سىڭدۈرۈش كېرەك، بۇ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قىس بولۇشتەك قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى پەسەيتىش، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىپ تەربىيەلەش، كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش، بازارلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. يېڭى تىپتىكى شاگىرتلىق تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانا يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ۋە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغان خىزمەتچىلەرنى ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كارخانىلارنىڭ ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىشىنى قوللايدىغان تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كېرەك. كەسپىي ماھارەت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئوقۇش تارىخى مائارىپىنىڭ باغلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، كەسپىي ئىقتىدارنى يېتەكچى قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ماھارەت دەرىجىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا تېخنىك ئىشچىلىرىنىڭ ماھارەت ئامىلى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، تۆھپىسىگە ئاساسەن تەقسىماتقا قاتنىشىش چارىسىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى ماھارىتىگە تايىنىپ بايلىق يارىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، پۇقراۋى كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىلارنى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنىڭ خىراجەت كاپالىتىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جەمئىيەت كۆپ تەرەپ مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدىغان كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى سالاھىيەت ھازىرلىغان كەسپىي مەكتەپ ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەك. يەتتىنچى، تەربىيەلەش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى تۈرىنى مۇندەرىجە تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەش نەتىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق ساپاسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر