باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 ياشلىقلار خەلقئارا پۇتبول چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.04.20 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېڭدا U17 ياشلىقلار (17 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشلىقلار) خەلقئارا پۇتبول چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 22-ئاپرىل گۇاڭجۇ ۋە شېنجىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا، خەلقئارالىق داڭلىق ئالتە كۇلۇب ۋە دۆلىتىمىزدىكى ئىككى مۇنەۋۋەر كۇلۇب U17 ياشلىقلار باسقۇچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك كوماندىسىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن چەك تارتىش مۇراسىمىدا، ساھىبخان گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئىسپانىيە ۋالېنسىيا كوماندىسى، ئارگېنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسى، ياپونىيە كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى كوماندىسى بىلەن ئا گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن؛ خېبىي خۇاشيا بەخت كوماندىسى ئىتالىيە ئېنتېر مىلان كوماندىسى، بىرازىلىيە گېرىمىيو كوماندىسى ۋە تۇنىس ئۈمىد كوماندىسى بىلەن ب گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى بۇ مۇسابىقىگە ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەدە تەربىيەلىنىپ قايتىپ كەلگەن كوماندىسىنى قاتناشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر