باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتايلى

سايباغ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى سىدىق ياسىن

2018.04.20 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسىمى، ھەر مىللەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق ياراتقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋالغان «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىدە بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنسانلارغا، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە زوراۋان-تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشىنى، قانۇن، ئىنتىزام بويىچە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئىككى ياقىلىمىچى»لارنى تازىلىشىنى قەتئىي قوللايمىز.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئىككى ياقىلىمىچى»لار يوشۇرۇنۇشقا، نىقابلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلار قارىماققا پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خادىمى، دىنىي زات ۋە سودا سانائەت ساھەسىدىكى خادىمدىن بولسىمۇ، لېكىن كاللىسىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بولغانلىقىدىن، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى يوشۇرۇنچە تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە ھوقۇقىدىكى قولايلىقلىقتىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كادىرلار ئارىسىغا يوشۇرىنىۋېلىپ، يۇقىرىدا تەشكىلنى، تۆۋەندە ئاممىنى ئالداپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى بۇلغىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر قارا سۈركىدى ھەمدە پارتىيەنىڭ ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىغا زور زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك مۇساپىسىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ بۇلتۇر «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، سايباغ رايونىدىكى ھەرمىللەت كادىر، ئىشچى -خىزمەتچىلەر كۆپ خىل شەكىلدە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى بىرلىكتە ئېچىپ تاشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئۆتكۈر شەمشىرىنى چىقاردى. يېڭى دەۋىرنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى »بىرىكمە مۇشت«نى ياخشى ئېتىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن.

  ھەر مىللەت قېرىنداشلار،«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر خەلق ئاممىسىنىڭ دۈشمىنى، جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە. شۇڭا بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ،«ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سۇيقەستى، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى تارمار قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچىمىزنى قوشايلى!

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر