خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى يېڭىبازار كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار يېقىندىن بۇيان پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغان، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى رەتلەش، ئۈزۈم تاللىرىنى بېدىشكە ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
سۈرەتتە: پىدائىيلار توخنىياز تۇنىياز ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈم تېلىنى بېدىشكە ئېلىشىغا ياردەملەشمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى