باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.03.26 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2018-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش دۆلەت مەخسۇس تۈر پىلانى، يەرلىك مەخسۇس پىلانى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانىنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرى ۋە سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈش لازىم.

  دۆلەت مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە نامرات جايلاردىن ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىدۇ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ناھىيەلەر، دۆلەت دەرىجىلىك يۆلەش ـ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست يولغا قويۇش رايونى قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ مەخسۇس پىلانى يولغا قويۇلىدىغان رايون بولغان نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنمۇ 2018- يىلى دۆلەتنىڭ مەخسۇس پىلان سىياسىتىدىن يەنىلا داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ. يەرلىك مەخسۇس پىلان بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغان رايونلىرىدىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىشتا،قۇبۇل قىلىش رايونلىرى ۋە كونكرېت ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرىنى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ، شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردىكى مىللىي ئاپتونوم ناھىيەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانى بويىچە يىراق، نامرات، مىللىي قاتارلىق رايونلاردىكى ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر)دىن تۆۋەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تىرىشچان، نەتىجىسى ئەلا يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق قۇبۇل قىلىدۇ، يولغا قويۇلىدىغان رايونلارنى ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر بېكىتىدۇ.

  جايلاردىن مەخسۇس پىلاندىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نوپۇس، ئوقۇش تەۋەلىكىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشۋىقات مۇلازىمىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش لازىم. جايلار ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆك نامرات رايونلار ۋە شۇ جايلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن مەخسۇس پىلان سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلىق بولغان ئىمتىھانغا تىزىملىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم. نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار قىلىشنى زورايتىپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلىپىگە يەتكەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئاۋۋال قوبۇل قىلىش لازىم. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، مەخسۇس تۈردە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە قائىدىگە خىلاپ ئىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. جايلار ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مەخسۇس پىلان بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. خىزمەتنىڭ ئۇلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش لازىم. بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس پىلان بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ساختا تىزىملىتىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغان دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ مەخسۇس پىلان سالاھىيىتى ۋە شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر