باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋۇ مىڭلەن(گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۇي شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ

2018.03.14 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋەكىل ۋۇ مىڭلەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چەت، يىراق رايوندىن كەلگەن ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ۋە نامرات رايونلارنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، مائارىپقا ئۆزۈمنى بېغىشلاش ئىرادەم ئاشتى.

  ۋۇ مىڭلەن مۇنداق دېدى: نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يىلتىزى مائارىپتا، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جايىدا بولمىسا، نامرات جايلارنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش تەس. يېزىلار، بولۇپمۇ چەت، يىراق رايونلار، نامرات تاغلىق رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بالىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش چىقىمىدا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى تەڭپۇڭ بولمىغاچقا، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىشىۋېلىشى، ئېشىپ كېتىشى ئىنتايىن تەس. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پەرق تېخىمۇ چوڭلاپ، ئالدىنقىلارنىڭ نامراتلىقى كېيىنكىلەرگە قالىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى يەنىمۇ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش تەكلىپى بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قېلىپ قېلىشقا يېتەكلەنسە ۋە رىغبەتلەندۈرۈلسە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر