خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ پارلامېنت تېغى ئالدىدىكى چىملىقتا، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغان بالىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاياغلار تىزىپ قويۇلدى.
شۇ كۈنى، 2012-يىلى ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتىنىڭ ساندى خوك باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان بالىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 7000 جۈپ ئاياغ ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت تېغى ئالدىدىكى چىملىققا قويۇپ قويۇلدى. كىشىلەر بۇ خىل ئاۋازسىز ئۇسۇل ئارقىلىق، پارلامېنتنىڭ ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرى قايتا-قايتا يۈز بېرىشتەك ھالەتكە بولغان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورال-ياراغ ئىسلاھاتى قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى