باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.03.14 15:01   مەنبە: خەلق تورى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  ۋاڭ ياڭ 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قاراپ چىقىش يىغىنىغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ ۋە جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى


  3- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى ئىللىق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ۋاڭ ياڭنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يىغىن مەيدانىغا كىرىشى بىلەن، مىللىيچە كىيىم كىيگەن ۋەكىللەردىن رۇقىيەم مەتسەيدى ۋە قۇربان نىياز ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ دوپپا تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالىي ئېھتىرامى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر قىزغىن چاۋاك چالدى، ۋاڭ ياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر–بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ ۋە جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ ياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3– ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن ۋە پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشتى. 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى