باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرايلى

___ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا (2)

2018.03.14 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۈچى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كېلىدۇ.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. بۇ نەتىجە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، يېڭى دەۋردە «دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزامنامىسى»نىڭ تۈپ خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاساسىي قانۇن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. پۈتكۈل تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىندى، بۇ بىر قېتىملىق پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يۈرگۈزىدۇ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇنمۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن-سىياسەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» ئىكەنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي پىروگراممىسىنىڭ 1-ماددىسىغا كىرگۈزۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا پۈتكۈل خەلق ئارىسىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىنى دۆلەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر