باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى

2018.03.14 14:58   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- مارت چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىگە قارارپ چىقتى، ھەمدە بۇ ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى.

  يىغىن باشلىنىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى، مۇخبىرلار مۇۋاپىق جاينى ئىگىلەش ئۈچۈن بالدۇرلا خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا كەلدى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارالىق رادىئو ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، پېڭپەي خەۋىرى، سۇمرۇغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق تاراتقۇنىڭ 140 نەچچە مۇخبىرى نەق مەيدانىغا زىيارەتكە كەلدى.

  قاراپ چىقىشتا، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ گاڭ، رۇقىيەم مەتسەيدى قاتارلىق ۋەكىللەر رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئومومىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتىكى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. رېۋىزىيە قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشەببۇسىنى قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەت رېۋىزىيەسىنى ئورگانىك ھالدا بىرىكتۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  بۇ قاراپ چىقىپ يىغىنىدىكى سۆز قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋەكىللەردىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، ما شۆجۈن، غانىبات سابۇكەي، پەرھات روزى ۋە ياسىن سىدىق قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى