باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«گۈزەل جۇڭگو» بېرلىن كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى

2018.03.14 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 52-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا يېپىلدى. «گۈزەل جۇڭگو __ 2018-يىللىق رايون ساياھىتى يىلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى جۇڭگو كۆرگەزمە رايونى بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە كۆپلىگەن زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «پۈتۈن رايون ساياھىتى» يېڭى ئۇقۇمى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جۇڭگو كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ 407 كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە رايونىدا ئىستېرېئولۇق ۋە تەكشىلىك، ئەمەلىي بۇيۇم ۋە رەسىم، فازا نۇرى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە جۇڭگونىڭ مول ساياھەت بايلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

  جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئىككىلىسى ساياھەت چوڭ دۆلىتى، ساياھەت بايلىقىدا ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. گېرمانىيە نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىرىنچى چوڭ خېرىدارى، جۇڭگومۇ ھەم گېرمانىيەنىڭ ئاسىيادىكى 1-چوڭ ساياھەت خېرىدارى. جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى گېرمانىيەدىن جۇڭگوغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 630 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان.

  سۈرەتتە: شۇ جايدىكى زىيارەت قىلغۇچىلار ئوردا چىراغ سەنئىتىدىن ھوزۇرلانماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر