باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ۋەكىل مېڭ خەي: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چايدام ئايلانما ئىقتىساد سىناق رايونىنى ياخشى باشقۇرىمىز

2018.03.14 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 4- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيى مەركىزىي چوڭ زالىنىڭ شىمالىدىكى «ۋەكىللەر يولى»دا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى مېڭ خەي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مېڭ خەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 22-ئاۋغۇست چىڭخەينى كۆزدىن كەچۈرگەندە خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چايدام ئايلانما ئىقتىساد سىناق رايونى، گېئېرمۇ، چارخان تۇز كۆلىگە بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، تۇز كۆل خىمىيە سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دەۋرىيلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

  مېڭ خەي خەيشى يېشىل، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەھسۇلاتى مېتال ماگنىينى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق. بۇ مەھسۇلات تۇز كۆلىدىكى «شورلۇق سۇ»دىن كالىينى ئايرىپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىنكى كونا كېرەكسىز قالدۇق سۇيۇقلۇقنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق ئايرىپ چىقىلغان، ئىلگىرىكى «زىيانكەش ماگنىي» ھازىر «ماگنىي گۆھىرى»گە ئايلاندى.

  مېڭ خەي مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكىلەر تۇز كۆل شورلۇق سۈيىدىن پايدىلىنىپ، كالىيلىق تۇز، تۇز كۆل خىمىيەسى، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كالىيلىق ئوغۇتتىن يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىقلار 5 تىرىليون يۈەنلىك كەسىپلەر توپىغا تەرەققىي قىلىپ، يېشىل، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ تىپىك ئەندىزىسىنى ياراتتى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، چايدام دۆلەت دەرىجىلىك ئايلانما ئىقتىساد سىناق رايونىنى ياخشى باشقۇرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر