باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋاڭ تىڭسۇڭ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قولتۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار، دېدى

2018.03.14 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ تىڭسۇڭ «ۋەكىللەر كارىدورى»دا زىيارەتنى قوبۇل قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-مارت، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىنىڭ شىمالىدىكى «ۋەكىللەر كارىدورى»دا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شياڭگاڭ نەنشۈەن گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە مەمۇرىي باش لىدېرى، شياڭگاڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭسۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: بۇلتۇرقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا چوڭ بىر قولتۇق رايونى قۇرۇپ چىقىش ئېيتىلغانىدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەن بەك خۇش بولغان ئىدىم، چۈنكى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا چوڭ بىر قولتۇق رايونى قۇرۇپ چىقىش ھەقىقەتەن بەك مۇۋاپىق ئىدى.

  ۋاڭ تىڭسۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا بىر قولتۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشنى تاللاش ناھايىتى مۇۋاپىق بولغان، چۈنكى ئۇنىڭ يەر مەيدانى چوڭ، ئىختىساسلىقلارمۇ بەك كۆپ، كەڭ بولغان خەلقئارا نەزەرگە ئىگە، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى بايلىقى مول، بولۇپمۇ قاتناش جەھەتتە، مەيلى دېڭىز، قۇرۇقلۇق ياكى ھاۋا تىرانسپورتى بولسۇن، تىرانسپورت ئاساسى ئىنتايىن ياخشى ۋە پىشقان.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەچچە كۈن ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: گۇڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قولتۇق رايونى ۋە خەلقئارا شەھەر قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا بولغان قوللاش سالمىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز زور.

  ۋاڭ تىڭسۇڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش كىنىشكىسى سىستېمىسىنى ئىچكىرىدىكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىقلارنىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەت قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسا، دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قولتۇق رايونىدا مەكتەپ قۇرۇپ، ئۇنى بىر ئالىي مەكتەپلەر شەھىرىگە ئايلاندۇرۇشىنى، شۇ ۋاقىتتا شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئۆگىنىپ، شۇ يەردە قېلىپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر