باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ

2018.03.14 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  («ئىككى يىغىن» بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئېلان قىلىندى) 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 13-چېسلا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىننىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇ 10 مەخسۇس كومىتېت مۇنۇلار: مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار مۇدىر ئەزا، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا ۋە بىر قانچە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 13- مارت ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى.

  يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 7-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ- پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى لايىھە ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر