باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.13 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. دۇ جياخاۋ، شۈ داجې، ليۇ ۋېيچاۋ قاتارلىق ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ: ئۆتكەن بەش يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. دېدى. لى كېچياڭ خۇنەننىڭ تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق قانۇنچىل، ئادىل، قولايلىق سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لى جەنشۇ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بايىنچاۋلۇ، جىڭ جۈنخەي، ۋاڭ يەنفېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى سىستېمىلىق، ئىلمىي، مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن.

  ۋاڭ خۇنىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ گوشېڭ، ۋاڭ جيەنجۈن، جاڭ شياۋرۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. چىڭخەينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، رەھبىرىي كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاۋ لېجى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لىن دو، ۋاڭ رېنجيەن، شاڭ لۇنشېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. گەنسۇنىڭ يېڭى تەرەققىيات باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بەختلىك، گۈزەل، يېڭى گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەن جېڭ خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ليۇ سىگۇي، شېن شياۋمىڭ، چېن پياۋ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. دوكلاتتا مەركەز چۆرىدەلگەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بولۇپ، باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش نامايان قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر