باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1-يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىن ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئالاقىدار تەكلىپلەرنىڭ ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2018.03.13 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1-يىغىنى 12-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزات ئىسىملىكى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لاھىيە) قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 12-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 2-يىغىن ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزات ئىسىملىكى ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھە ۋە ئىسىملىكلەرنى ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر