- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق بېيىش
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قەشقەردىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
2018.03.13 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى «لالە ھۆسىن تۈزەش-چاش ياساش سالونى»نىڭ مەسئۇلى بۇئايشەمگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن بىر ساتىراش بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنى بېقىپلا قالماي، ئاتا-ئانامغىمۇ ياخشى قارىيالايمەن.»
بۇئايشەمگۈلنىڭ چاچ ياساش سالونى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يولغا قويغان «گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق بېيىش- 1000 دۇكان قۇرۇلۇشى» تۈرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكانلىرىنىڭ بىرسى.ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قەشقەر شەھىرىدە «گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق بېيىش-1000 دۇكان قۇرۇلۇشى» تۈرىنى رەسمىي يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى 11 دۇكانغا ۋېۋىسكا ئاسقان. شۇ كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەككىز يېزا-بازار، كوچا ئىش باشقارمىسىدا «گۈزەللەشتۈرۈش ساتىراشخانىسى»دىن 67سى ۋە «پېچىنە-پىرەنىك دۇكىنى»دىن 134ىدە بۇ قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويۇلغان.
يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش ۋەكىلى سۈبىھىنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «ئاياللار بىرلەشمىسى بىزنى تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ۋە قىممىتى 10 مىڭ يۈەن كېلىدىغان ھۆسىن تۈزەش- چاش ياساش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى، كوچا ئىش باشقارمىسى بىزنى ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى، بۇ تۈر مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر