باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 4-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.03.14 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھات لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى بولۇپ، 2962 كىشى قاتناشتى، 18 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. لى جيەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر؛ پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنىڭ رېئال تەلىپى؛ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەت رېۋىزىيەسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە، جۇڭگوچە رېۋىزىيە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئىجادىي ھەرىكەت؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

  لى جيەنگو مۇنداق دېدى: رېۋىزىيە قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئوي ۋە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىندى: بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر