باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئافرېندا 3000دىن ئارتۇق دۈشمەن قوراللىق كۈچلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئەسىرگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى

2018.03.09 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 8-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ ئافرىندا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندىن بۇيان، 3055 دۈشمەن قوراللىق خادىمىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئەسىرگە چۈشكەن ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەسلىم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ بىر تۈركۈم قوراللىقلار كۇرد قوراللىق كۈچلىرى «خەلقنى قوغداش قىسمى»، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىقلارغا تەۋە. نۆۋەتتە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە يەر يۈزى ھەرىكىتى تەڭ ئىلگىرىلەپ، 8-مارت ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جىندېرىس بازىرىنى تارتىۋالدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 8- مارت، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرېندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 5-ئايدا ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئافرېندا قۇربان بولغان تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى 40 دىن ئاشقان.

  1- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۈركىيە ئافرىن رايونىغا «زەيتۇن شېخى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، «خەلقنى قوغداش قىسىمى»غا زەربە بەردى. تۈركىيە «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى، دەپ قارايدۇ.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئافرېندا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەت سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان «ياۋايىلارچە دەخلى تەرۇز»، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر