باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«رەڭدار ئارزۇ ھەرىكەت پىلانى» شىنجاڭدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 600 بالىغا «كەلگۈسىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاتتى»

2018.03.12 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «رەڭدار ئارزۇ ھەرىكەت پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر ياكى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىغان 600 بالا سىياسەتتىن نەپ ئېلىپ، ھەقسىز قۇلاق قۇلۇلىسى سالغۇزغان ۋە شۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالىغان ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىدىن كېيىن، نورمال ئوقۇشقا كىرىپ ئوقۇيالىغان.

  «مېنىڭ بىر پارچە رەسىم سىزغۇم بار، ئۇنىڭدا كۆك ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى، كىچىك بالىلارنىڭ كۈلكە چىرايىنى سىزماقچىمەن»، ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ما شىنجۈن ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىغان بالا، «رەڭدار ئارزۇ ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ياردىمىدە، ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلغۇزدى. ئىلگىرى كۆڭلىدىكىنى پەقەتلا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بۇ بالا، ھازىر ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا راۋان بىلدۈرەلەيدىغان بولدى. قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن كەلگەن سۇمەييە غەنىمۇ «رەڭدار ئارزۇ ھەرىكەت پىلانى»نىڭ نەپكە ئېرىشكۈچىسى. ئۇ ئىككى ياش ۋاقتىدا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلغۇزغان ئىدى، بەش ياشقا كىرگەن سۇمەييە نۆۋەتتە باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاش يەسلىدە تەربىيەلەنمەكتە.

  شىنجاڭ مېيىپلەر بىرلەشمىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ شۆليەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ھەر يىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 104 بالا ھەقسىز قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، بارلىق داۋالاش چىقىمىنى مەركەز مالىيەسى كۆتۈرىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ مېيىپلەر بىرلەشمىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بالىلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇسىنى تەكشۈرۈلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار جۇڭگو ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە سۆزلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تورى (中国听力语言康复网)غا چىقىپ، توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن.نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 1 مىليون 69 مىڭ مېيىپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاڭلاش ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچرىغانلار 220 مىڭ كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇ، مېيىپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20.58ىنى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر