خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت خەلق سارىيىدا كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېڭ ئىلۇن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ مۇن جائىن سىزنى ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ، چاۋشيەننى زىيارەت قىلىش ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ چاۋشيەن-ئامېرىكا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىڭىزنى مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ بىزگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپتۇ، جۇڭگو بۇنىڭدىن خۇش بولدى. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يېقىن قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىزچىل يېرىم ئارالدىكى جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، يارىشىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكا-چاۋشيەن سۆھبىتى، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشىنى قوللاپ كەلدى. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاندۇرۇش، ئۇرۇش، مالىمانچىلىقتىن ساقلىنىش جۇڭگونىڭ ئىزچىل مەيدانى. ھازىر، يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتى پەسىيىپ سۆھبەتلىشىش مۇھىم پۇرسىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كورېيەنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ، كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگونىڭ «قوش رېلىستا تەڭ ئىلگىرىلەش» ئويى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پايدىلىق تەكلىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى تەرەپلەر سەۋرچان، ئەستايىدىل بولۇپ، سىياسىي پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى ھەر قانداق مەسىلە ۋە كاشىلىلارغا ياخشى تاقابىل تۇرۇشى ۋە ھەل قىلىشى كېرەك. بىز جەنۇب-شىمال باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ۋە چاۋشيەن-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇنداقلا يېرىم ئارالنى يادروسىزلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قەتئىي ئىرادە ئالدىدا تاشمۇ تالقان بولىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر يېرىم ئارالنى يادروسىزلاندۇرۇش ۋە تىنچلىق، مۇقىملىق تۈپ نىشانىغا مەركەزلەشكەندىلا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مۇزلار ئېرىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان كۈننى كۈتۈۋالالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى