باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

2018.03.02 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ 1- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قىزىل سىزىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  «بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇش، ھەمدە كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ھەر ۋاقىت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چېتىشلىق بىخەتەرلىك ۋەقەسىنى ھەل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىيلاشقان ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىلەن يەرلىكلەر ئارا، مەكتەپ بىلەن ساقچىلار ئارا ۋە مەكتەپ بىلەن ئىجتىمائىي كوللېكتىپلار ئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە بىرلەشمە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇچۇرلاشقان تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەكتەپ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قوغداش كۈچىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ ئىچى كۈندىلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېرەك.

  چېن باۋشېڭ مۇنداق دەپ تەلەپ قىلدى: مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي كىرىزىس ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە جازالاشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشى ۋە زوراۋانلىققا ئۇچىراش ۋەقەسى يۈز بېرىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، تور ئويۇنى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، توردا ناچار ئۇچۇرلار ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاڭلىق توسۇپ، تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەن جازاسى بېرىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى بالدۇر بايقاش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ناچار قەرز بېرىشتىن يىراق تۇرۇشىغا يېتەكلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى مەنبەسىدىن باشلاپ قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر