باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

«ئون تۈرلۈك مەنئى قىلىش» ئىنتىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى

2018.02.24 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا «ئون تۈرلۈك مەنئى قىلىش» ئىنتىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى: پىلانسىز، پىلاندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش مەقسەت قىلىنغان تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى تەشكىللەش ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆزى تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، شەكلى ئۆزگەرگەن «ئەلالىرىنى تاللىۋېلىش»تەك ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ بىلەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارىلاشما ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئارىلاشما سىنىپلارغا ئايرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى ماددىي مۇكاپات، ساختا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى جەلب قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىشكە باغلانغان «ئىئانە ئوقۇش ياردەم پۇلى» ئېلىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل مۇسابىقە گۇۋاھنامىسى، پەن مۇسابىقىسى نەتىجىسى ياكى دەرىجە ئىمتىھانى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپ، تېز سىنىپ، ئاستا سىنىپ تەسىس قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسىنى رەتكە تىزىشى، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى تەشۋىق قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئادەم بىلەن ئوقۇغۇچىلار رويىخېتىنىڭ ئايرىلىشى، ئوقۇغۇچىلار رويىخېتىنى قۇرۇق قالدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار رويىخېتىنى يالغاندىن ياساش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ رايون ئاتلاپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ يۆتكەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش تەۋەلىكىنى يۆتكەپ بىجىرىپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر