باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش باھاردىكى چېچەك سەيلىسى

2018.02.22 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، يۈ چياڭفۇ خەۋىرى) باھار كېلىپ ھاۋا ئىللىشقا باشلىغان كۈنلەردە، گۈل-گىياھلىق، بۈك-باراقسان باھار پەسلىگە تولىمۇ ئىنتىزار بولغان ھەر مىللەت ئامما چاغانلىق دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى پارنىكتا ئېچىلغان رەڭگارڭ چېچەكلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، بۈك-باراقسان يېشىللىققا، گۈزەل چېچەك پەسلىگە بولغان تەقەززالىقىنى قاندۇردى.

  چاغان مەزگىلىدە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى خودۇڭ كەنتىدىكى كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكلىرىدا ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى بىلەن توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى ئەنشى كەنتىدىكى چېڭ كەييۈەننىڭ 28 پارنىكىدا ئېچىلغان توغاچ ۋە نەشپۈت چېچەكلىرىنى كۆرگىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ساياھەتچىلەر چىرايلىق ئېچىلغان چېچەكلەرنى، كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىدىن بانان، ئوت ئەجدىھا مېۋىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈش ۋە پىشىش جەريانلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى خۇددى جەنۇبىي جۇڭگوغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشتى.

  _ مەن توقسۇندا چېچەك ئېچىلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، تازا ئىشەنمەي ئالايىتەن كۆرگىلى كەلدىم،-دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۈلنۇر ئەمەت،− ھازىر چاغانلىق دەم ئىلىش ۋە تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەر-دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز ھەم تەتىل كۈنلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. بىز يولبويى قارلىق تاغلارنى كۆرۈپ كەلگەن، توقسۇنغا كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان باغلارنى كۆرۈپ، كۆڭلىمىز ناھايىتى ئېچىلىپ قالدى. بۇ پارنىكتىكى مېۋىلەر 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پىشىدىكەن، بىز چوقۇم شۇ چاغدا كېلىپ، بۇ چېچەكلەرنىڭ مېۋىسىگە ئېغىز تېگىپ قايتىمىز.

  2-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، توقسۇن ناھىيەسىدە پارنىكلاردىكى مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلەشكە باشلىدى، بالدۇر چېچەكلىگەن بۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بالدۇر بازارغا سېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ھەميىنىنى تومپايتىپلا قالماي، بەس-بەستە ئېچىلىۋاتقان چېچەكلەرمۇ دېھقانلارغا قوشۇمچە قىممەت يارىتىپ بەردى.

  غولبويى يېزىسىنىڭ خۇدۇڭ كەنتى 2009-يىلى دېھقانلارغا 400 مو يەرگە 100 پارنىك ياساپ بەرگەن ئىدى. دېھقانلار ئىككى يىل پارنىكقا ئىشلەپ، پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھوسۇل ئالالماي، پارنىكلار ئۇزاق يىل تاشلىنىپ قالدى. بۇ يېزىدىكى دېھقان مۇھىدىن مەمەت مەخسۇس ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئاچقان تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىككى يىل باغۋەنچىلىك بىلىملىرى ۋە گۈلچىلىكنى ئۆگىنىش جەريانىدا، يۇرتىنىڭ ياز پەسلى ئۇزۇن، كۈن چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشتەك ھاۋارايى ئەۋزەللىكىنىڭ باغۋەنچىلىك ھەم گۈلچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قۇمۇل ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونېرى كېرەم ئابلەتنى تەكلىپ قىلىپ، 2014-يىلى غولبويى يېزىسى خودۇڭ كەنتىدىكى پارنىكلارنى 30 يىللىق ھۆددە ئېلىپ، كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. يېزىلىق ھۆكۈمەت دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئۇلاردىن ھەق ئالمىدى. ئۇلار پارنىك باغۋەنچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، مېۋىلىرىنى بازارغا سېلىپ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. دېھقانلار كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى شىنجاڭنىڭ 50 نەچچە خىل مېۋىسى، 150 نەچچە خىل گۈل-گىياھسى، 30 نەچچە خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىك دەرەخلىرى، شەھەر كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان مەنزىرە دەرەخلەر، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن مېۋە-چىۋىلەرنى كۆرۈپ، پارنىك باغۋەنچىلىكىنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەم ئەنئەنىۋى باغۋەنچىلىككە قارىغاندا زامانىۋى باغۋەنچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلىپ، پارنىك تېرىقچىلىقىغا بولغان قىزىقىشى ئاشتى. كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېتەكلىدى، سەككىز دېھقاننى توختاملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئەتراپىدىكى ئىش تاپالمىغانلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. قىسقىغىنە تۆت يىل مابەينىدە، بۇ كوپىراتىپ تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى، سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى، تۇرپان دېھقانلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ھازىر بۇ پارنىكلاردا خىلمۇ خىل پەسىلسىز مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر دائىم چېچەكلەپ تۇرغاندىن سىرت، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ئالما، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ تۇرىدىغان بولدى. ساياھەتچىلەر گۈل-گىياھلىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغاندىن سىرت، قولايلىق تەشتەك مېۋىلىرىدىن سېتىۋىلىپ، ئۆيلىرىگە، ئىشخانىلىرىغا تىزىپ قويىدىغان بولدى.

  كېرەم بابا باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى مۇھىدىن مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللاپ، تۈر مەبلىغى ھەل قىلىپ بېرىشى، كېرەم ئابلەت ئاكىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن كوپىراتىپىمىزدا 102 پارنىك ياسىدۇق. ناھىيە مەبلەغ چىقىرىپ ئاسفالىت يول ياساپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە گۈل-گىياھ، كۆچەت سېتىۋالغىلى ھەم ساياھەت قىلغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. بىزمۇ نۇرغۇن دېھقاننى پارنىك باغۋەنچىلىكى جەھەتتە يېتەكلىيەلىدۇق. 3-ئايدا مەي باغلاپ پىشقان تەشتەك ئۆرۈكىنى بازارغا سېلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

  توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرى ئەنشى كەنتىدىكى چېڭ كەييۈنمۇ پارنىكتا ئۆستۈرگەن توغاچلىرىنى 3-ئايدا بازارغا سېلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل توغاچلىرى ئوخشاپ، بىر پارنىكتىن ئۈچ توننا مەھسۇلات ئالالايدىكەن. چېڭ كەييۈن ئەر-خوتۇن ئىچكىرى ئۆلكىدىن مەخسۇس شىنجاڭغا پارنىكتا مېۋە ئۆستۈرگىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پارنىك باغۋەنچىلىكى جەھەتتىكى ئىلغار تېخنىكلىرىنى ئەكىلىپ، ئەنشى كەنتىدىكىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، پارنىك باغۋەنچىلىكى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇن دېھقان تاشلىۋەتكەن پارنىكلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، پەرۋىش قىلىپ ئىشلەپ، چېڭ كەييۈندەك مول ھوسۇل ئېلىشقا بەل باغلىدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، توقسۇن ناھىيەسى قاتناش قولاي بولۇش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بالدۇر پىشىشتەك ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى پارنىك تېرىقچىلىقى ۋە پارنىك باغۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىگەن. كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چېچەك بايرىمى، كۆكتات بايرىمى، ئۈجمە بايرىمى، ئۆرۈك بايرىمى، لەڭمەن بايرىمى قاتارلىق بايراملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر