باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ»

2018.02.22 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-فېۋرال، جۇڭگولۇق كارخانىچىلار مەبلەغ سالغان، فىرانسىيە مارسېل شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۇقتىلىق يۆلىگەن مارسېل خەلقئارا سودا شەھەرچىسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ چاغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، پۈتۈش مۇراسىمىدا سودا شەھەرچىسىنىڭ ئىچىگە پانۇسلار ئېسىلىپ، چاغانلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ شىر ئۇسۇلى ئوينىلىپ، بايراملىق كەيپىيات يارىتىلدى.

  فىرانسىيە پروۋىنىس-ئالىپ-كۆك رەڭلىك دېڭىز قىرغىقى رايونىنىڭ پارلامېنت رەئىسى رېينولد مىسىليېۋ سودا شەھەرچىسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا بۇنىڭ بىر مۇھىم پەيت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا سودا شەھەرچىسى فىرانسىيە، جەنۇبىي ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سۇپىسىنىڭ بىرى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ قالىدۇ. مارسېل رايونى شەھەرلەرنى يېتەكلەش ۋە فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەمگە ئايلاندى.

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەي جۈن مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە، مارسېلغا كېلىپ تېخىمۇ ياخشى تۈرلەرنى تەسىس قىلىشىنى، بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر