خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال، خاربىن شەھەرلىك 73-ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئىچى خۇشاللىققا چۆمۈپ، «ۋەتەن مۇھەببىتىگە بىز شاھىت» تېمىسىدىكى 2018-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق 588 ئوقۇغۇچى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل-ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى.
ئۇلار چوڭ تىپتىكى شېئىر دېكلاماتسىيەسى «ۋەتەن مۇھەببىتىگە بىز شاھىت»نى ئېيتىش ئارقىلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇسسۇللۇق ناخشا «سۆيگۈ» ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىقىنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق خاراكتېرى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرىدىغان كۈچلۈك ئارزۇسى نامايان قىلىندى.
خاربىن شەھەرلىك 73-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى سۇ شيەندۇڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ 2005-يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياخشى ھەمراھ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىدە ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ھەمدە ياردەمدە بولۇپ كەلدى. ھەر يىلى چاغان يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر كېلىپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، ئۇلارغا سوۋغات بېرىپ، بالىلارغا ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ، تىرىشىپ كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ تايانچ كۈچى بولۇشىغا ئىلھام بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى