سۈرەتتە: 13-فېۋرال، كورېيەنىڭ سېئۇلدا، سۈي شۇنشى (سولدا) سېئۇل مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ، سوتقا چىقتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەنىڭ سېئۇل شەھەرلىك مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسى 13-فېۋرال «يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دېلوسىدىكى مۇھىم شەخس سۈي شۇنشىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ، پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سۈي شۇنشىنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە 18 مىليارد ۋون (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 104 مىليون يۈەن) جەرىمانە قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى