باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

2018.02.13 15:17   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى — چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-فېۋرال سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىغا كېلىپ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنى ۋە تېخنىكا زاۋۇت بىناسىغا كىرىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  2-ئايدىكى غەربىي سىچۈەن رايونىنىڭ تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك ئىدى، مەيىن شامال يۈزلەرنى لەرزان سىيپاپ ئۆتەتتى، ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە مەلۇم بازىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كەلدى. ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىغا باردى. قويۇپ بېرىش مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ، مەيداننىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئارىلاپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىدى. خىزمەتچى خادىم 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، كۆپ خىل تىپتىكى راكىتا ۋە ئالەم ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدا نۇرغۇن بىرىنچىلىكنى ياراتقانلىقىنى تونۇشتۇرغاندا، شى جىنپىڭ باش لىڭشىتىپ ماختىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى 2-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىدا ئون نەچچە قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنغانىدى، پىلان بويىچە يېقىندا «يەتتە تىكەن يۇلتۇزى __ 3» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلەتتى.

  قوماندانلىق زالىدا بازىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى، شى جىنپىڭ «يەتتە تىكەن يۇلتۇزى __ 3» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ كۆپچىلىكنى يوقلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆپچىلىك ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ ئىش ئورنىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ھەر بىر يولداشنىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. كۆپچىلىكنىڭ تاغ جىلغىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، نۇرغۇن تۈردە كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭنىڭ كۆزىدە مەمنۇنلۇق جىلۋىلەندى. شى جىنپىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كۆپچىلىككە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، قىلچە نۇقسان كۆرۈنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى